ۋىلادېمىر نابوكوف ھاياتى

يوللانغان ۋاقتى:14-06-2011   مەنبە: تارىم 2005-9-سان   مۇھەررىر: {dede:adminname /}   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ۋىلادېمىر ۋىلادېمىروۋىچ نابوكوف 1899-يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنى پېتىربورگدا تۇغۇلغان، نابوكوف ئائىلىسى پايتەخت ئاقسۆڭەكلىرى دائىرىسىگە م

 

 

 
ۋىلادېمىر  نابوكوف 1899-يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنى پېتىربورگدا تۇغۇلغان، نابوكوف ئائىلىسى پايتەخت ئاقسۆڭەكلىرى دائىرىسىگە مەنسۇپ.
نابوكوف دەسلەپكى ئائىلە تەربىيىسىنى كۆپ تەرەپلىمە قوبۇل قىلغان. ئالدى بىلەن بۇنداق تەربىيە ئىنگلىز تىلى، فرانسۇز تىلى، رۇس تىلى قاتارلىق ئۈچ خىل تىلدا تەڭ ئېلىپ بېرىلغان.
نابوكوف 1911-يىلىدىن 1917-يىلغىچە جېنىشوۋ مەكتىپىدە ئوقۇغان. نابوكوف ئوقۇغان مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى سىمۋولىزىمچى شائىر ف. گىپئوس ئىدى. ئۇ نابوكوفنىڭ 1916-يىلى ئۆزى پۇل تۆلەپ نەشر قىلدۇرغان شېئىر توپلىمىنى قىلچە رەھىم قىلماي تەنقىدلىگەن  ئىدى.
1917-يىلى ئۆكتەبىردە زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي نابوكوف ئائىلىسى قىرىمغا كۈچۈپ كېتىدۇ، 1919-يىلى كۆكلەمدە رۇسىيىدىن ئۈزۈل-كېسىل ئايرىلىدۇ. نابوكوف 1919-يىلىدىن 1922-يىلىغىچە كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا فرانسۇز ئەدەبىياتى بىلەن رۇس ئەدەبىياتىنى ئۆگەنگەن. تەقدىرنىڭ تۇيۇقسىز بۇرۇلۇشى نابوكوفنىڭ لىرىكىلىق ئىجادىيىتىگە قۇدرەتلىك قوزغىتىش ئېلىپ كېلىدۇ. مەجبۇرىي سەرگەردانلىقتىكى دەسلەپكى بىرنەچچە يىل ئۇنىڭ شېئىرنى تازا كۆپ يازغان ۋاقىتلىرى ئىدى. ئۇنىڭ بۇ شېئىرلىرىدىكى ئالاھىدىلىك شۇكى، ئۇ بلوك بىلەن بۇنىنغا ئوخشاش ئۇسلۇبلىرى ئوخشىمايدىغان شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت پرىنسىپلىرىنى ئۆزىگە ئەينەك قىلغان.
بالدۇرلا باشلاپ كەتكەن تەرجىمىچىلىك ئىجادىيىتى يازغۇچىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەدەبىي ھاياتىغا ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن.
1922-يىل 3-ئايدا، يازغۇچىنىڭ دادىسى بېرلىندا ئۇچىغا چىققان ئوڭچىل ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ئىش نابوكوفنى قاتتىق لەرزىگە سالغان ۋە ئۇنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ پەقەتلا ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىشقا مەجبۇر بولغان.
نابوكوف كەسپىي يازغۇچىغا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىكى 51 يىللىق تارىخقا ئىگە بېرلىن دەۋرى، ئۇنىڭ ئەدەبىي ماھارىتى تېز سۈرئەت بىلەن پىشقان مەزگىل ئىدى. ئۇ نۇرغۇن ھېكايە، شېئىرىي ئەسەرلەر، دراما، تەرجىمە ئەسەرلەر، ئوبزور ماقالىلەر ۋە كىتابلارغا باھالارنى ئېلان قىلدى.
1937-يىلى يازغۇچىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىجادىيىتىدىكى بېرلىن باسقۇچى ئاخىرلىشىدۇ. ئۇ چاغدا فاشىستلار سىياسىي تۈزۈمىدىن دالدىلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئائىلىسى پارىژغا كېلىدۇ. ئۈچ يىلدىن كېيىن پارىژدىن يىراق غەربىي ئامېرىكىغا كېلىدۇ.
1940-يىلىدىن 1960-يىلىغىچە نابوكوۋ ئامېرىكىدا ياشىغان. ئۇ بىر تەرەپتىن ئىجاد قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا دەرس ئۆتتى ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.
1960-يىلى نابوكوف ئائىلىسى شۋېتسارىيىگە كۆچۈپ كېلىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇشۇ يەردە ياشىغان. ئۇ نۇرغۇن رومانلار بىلەن بىلەن بىرگە «ئىگور يۈرۈشى ھەققىدە داستان» بىلەن پۈشكىن، لېرمۇنتوف، تيوتچېف ۋە ف. خۇدا سىشېۋىچلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلغان. نابوكوف «نىكولاي گوگۇل» دېگەن كىتابنى يازىدۇ. ئۇ: «مېنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجەم تولۇق شەرھلەنگەن تۆت توملۇق تەرجىمە ئەسىرىم «يىۋگېنى ئۇنىگىن» دەيدۇ. رۇس كلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئىنگلىز تىللىق كىتابخانلارغا تونۇشتۇرۇشتا نابوكوفنىڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدىغان ھېچكىم يوق.
نابوكوف 1977-يىل 2-ئىيۇلدا شۋېتسارىيىدە ۋاپات بولغان.



ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار